|
تولستوي ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمگەكلىرىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئۈستۈن كۆرگەن، ئۆزى «ھەر بىر ئادەم ئوقۇمىسا بولمايدىغان» بۇ كىتابىنى ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان بىردىن-بىر مۇھىم تۆھپىسى دەپ قارىغان ۋە ھەتتا جان ئۈزۈش ئالدىدا ياتقاندا كارىۋات بېشىغا قويدۇرغان. ئۇ يەنە پەرزەنتىلىرىگە ھەر كۈنى مۇشۇ كىتاپتىكى شۇ كۈنلۈك ئەقلىيە سۆزنى ئوقۇشنى تەۋسىيە-ۋەسىيەت قىلغان.
بۇ ئەسەر كۈندە بىر ئوقۇلسا تولستوي ئارزۇ قىلغاندەك «ئوقۇرمەنلەرنىڭ غايە، تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىدۇ».
كۈندە بىر قېتىم نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ لېۋ تولىستوينىڭ شۇ كۈنگە ئاتىغان ئەقىل ئويغاتقۇچى ھىكمەتلىرى بىلەن تەپەككۈرىڭىزنى ئويغاتقايسىز... |
2010-5-30 2:04:53 |
|